ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا ۋە ناتودىن تەلەپ قىلغان بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى ئايدا تەلەپ قىلغان بىخەتەرلىك كاپالىتىگە بەرگەن ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق ئەندىشەسى نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندەك قىلىدۇ» دېدى.

1771957
ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا ۋە ناتودىن تەلەپ قىلغان بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ۋلادىمىر پۇتىن: «بىخەتەرلىك كاپالىتى تەكلىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن كەلگەن جاۋابلاردا، رۇسىيە ئۈچۈن ئۈچ مۇھىم ئامىلنى كۆرەلمەيۋاتىمىز. بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش، رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاردا ھۇجۇم خاراكتېرلىك قورال سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلىش ۋە ئىتتىپاقنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ئۇل- ئەسلىھەلىرىنىڭ 1997- يىلىدىكى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئاساسلىق تەلىپىمىزنىڭ مۇۋاپىق شەكىلدە نەزەرگە ئېلىنغانلىقىنى كۆرەلمىدۇق»دېدى.

ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك سەلبىي ئۆزگىرىشلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تەڭ نەزەردە تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر بىز ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق پاسسىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى خالايدىغان بولساق، ئېنىقكى بۇنى خالايمىز. رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ئويلىشىش كېرەك، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقا تاللاشلارنىڭمۇ تېپىلىش لازىملىقى ئېنىق» دېدى،

رۇسىيە پىرېزىدېنتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ۋە ئامېرىكاغا قايتۇرىدىغان جاۋابى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: «بۇ ئاسان بولمايدۇ، ئەمما چوقۇم بىر قارار چىقىرىمىز. مەن بۈگۈن سىلەرگە قانداق جاۋاب بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا تەييار ئەمەسمەن» دېدى.

رۇسىيە 12-ئايدا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا يوللىغان «ياۋروپادا بىخەتەرلىك كاپالىتى» تېمىلىق كېلىشىم تەكلىپىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توختىتىشىنى ۋە ھەربىي قىسىملىرىنى شەرقىي ياۋروپادىن چېكىندۈرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتە بەرگەن جاۋابىدا بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىشىكنى ئوچۇق تۇتۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، قوراللارنى كونترول قىلىش ۋە قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر