ھايتىدا شىددەتلىك يامغۇر ۋە شامال سەۋەبىدىن كۈندىلىك تۇرمۇش پالەچ ھالغا كېلىپ قالدى
ھايتىدا قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 3 ئۆي يىقىلىپ چۈشتى، تەخمىنەن 2600 ئۆينى سۇ بېسىپ كەتتى.
1771422
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەتنى قاپلىغان شىددەتلىك ياغقان يامغۇر 2600 گە يېقىن ئائىلىنى ۋاقىتلىق پاناھلىنىشقا مەجبۇر قىلغان.
پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسى ھايتىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى رايونلاردا كۆرۈلگەن كۈچلۈك شامالنىڭ بەزى رايونلاردا دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھايتىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىمۇ سۇ بېسىپ كەتتى. بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن رايوندىكى بىر ئولتۇراق رايوننىڭ قاتنىشى ئۈزۈلۈپ قالدى.