بايدىن قاتارغا «ناتو ئەزاسى بولمىغان مۇھىم ئىتتىپاقداش» سالاھىيىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن قاتارغا «ناتو ئەزاسى بولمىغان مۇھىم ئىتتىپاقداش» سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشى ئۈچۈن كونگرەگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1771266
بايدىن قاتارغا «ناتو ئەزاسى بولمىغان مۇھىم ئىتتىپاقداش» سالاھىيىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋاشىنگتوندا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئالسانى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ قاتار بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 50 يىللىق شېرىكلىك مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، قاتارنىڭ بىر قانچە ئون مىڭ ئافغانىستانلىققا ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى، غەززە بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىدىمۇ مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ قاتار ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن بويىن شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 20 مىليارد دوللارلىق كېلىشىمنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ بويىننىڭ ئەڭ چوڭ كېلىشىملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«قاتار ياخشى دوست ۋە ئىشەنچلىك شېرىك دۆلەت. قاتارنى ناتو ئەزاسى بولمىغان مۇھىم ئىتتىپاقداش سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش پىلانى مەسىلىسىدە كونگرەگە مەلۇمات بېرىمەن. بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى ۋە شۇنداق قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى، ھەتتا ئۆتۈپ كەتتى.»

ئامېرىكا بۈگۈنگىچە «ناتو ئەزاسى بولمىغان مۇھىم ئىتتىپاقداش» دەپ ئېتىراپ قىلغان 18 دۆلەت بار.

ئامېرىكادا 1987-يىلى ماقۇللانغان بىر قانۇن لايىھەسى بىلەن، پىرېزىدېنت رونالد رېگان (Ronald Reagan) ئاۋستىرالىيە، مىسىر، ئىسىرائىلىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنى مەزكۇر كاتېگورىيەگە كىرگۈزگەن ئىدى.

پارس قولتۇقىدىكى بەھرەين بىلەن كۈۋەيت سابىق پىرېزىدېنت جورج ۋولكېر بۇش (George W. Bush) تەرىپىدىن بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر