لاۋروۋ بلىنكېن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئەتە ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفونلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1771096
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، 1-فېۋرال لاۋرو بىلەن بلىنكېننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ھازىرچە ئىككى مىنىستىرنىڭ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشنىڭ پىلانلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئانتونى بلىنكېن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رۇسىيە – ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن 21- يانۋار شېۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە كۆرۈشكەنىدى.