ئىراقنىڭ شەرقىدە 9 نەپەر تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى
ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا شەھىرىدە، تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 9 نەپەر دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە بىخەتەرلىك مېدىيا ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئۇزايىم رايونىدا ھەربىي قىسىملارغا ھۇجۇم قىلغان تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئىراقنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە 9 تېرورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ھەمدە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئىزىنى قوغلاش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىراق ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى فېيسبۇك سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدا ئۇجۇقتۇرۇلغان دائېش ئەزالىرىدىن 4 نەپىرىنىڭ لىۋانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 21-يانۋاردا دىيالا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئۇزايىم ناھىيەسىدە، ئارمىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدا 11 نەپەر ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.