ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا كىرودىيە ئەسكەرلىرى قاتناشمايدۇ

كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن ئەھۋالدا، كىرودىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1768326
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا كىرودىيە ئەسكەرلىرى قاتناشمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىلانوۋىچ زاگرېبتىكى بىر زاۋۇت زىيارىتى جەريانىدا، «ئەگەر ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرسە، كىرودىيە قانداق رول ئوينايدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «ئۇنداق ئەھۋالنىڭ ھەقىقىي جىنايەتچىسى بولمايدۇ. ئەمما كىمنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ سەۋەبتىن كىرودىيە ۋە كىرودىيە ئارمىيەسى بۇنداق ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ» دېدى.

مىلانوۋىچ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رايونغا قوشۇمچە كرودىيە ھەربىي قىسىملىرىنى يوللاش تەلىپىنى ئەسلىتىپ، «مەن كىرودىيە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن ئەھۋالدا، كىرودىيە ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى چېكىندۈرىمىز. رايوندا كىرودىيە ئارمىيەسىنىڭ بولۇشىنى خالىمايمەن» دېدى.

مىلانوۋىچ بۇ قارارنىڭ ئۇكرائىنا ياكى رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلەپ، «قارارىمىز پۈتۈنلەي (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى) جو بايدىن ھۆكۈمىتنىڭ ۋە ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىنىڭ دىنامىك كۈچىگە باغلىق» دېدى.

ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا ئورنى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن مىلانوۋىچ: «ئۇكرائىنا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىلگىرىلىيەلمەيۋاتىدۇ، ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر