ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، ئامېرىكا، ي ب ھ ت قاتارلىق تۆت تەرەپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، ئامېرىكا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تۆت تەرەپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1765454
ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، ئامېرىكا، ي ب ھ ت قاتارلىق تۆت تەرەپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتو ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ي ب ھ ت) قاتارلىق دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشى ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم تۆت تەرەپ ماسلاشتۇرۇش يىغىنى چاقىردى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت تەرەپنىڭ تېلېفون يىغىنىغا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسىلىكىگە ۋاكالىتەن پولشا ۋەكىلى قاتناشتى.

ستولتېنبېرگ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا يىغىنغا باھا بېرىپ: «(بۇ) مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە نامايان قىلىنغان ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچلۈك سىگىنالى» دېدى.

جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلاش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا، كۈچلۈك، ئېنىق ۋە بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان فرونتنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىرادىسىگە  ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئالدىمىزدىكى ھەپتە چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر