ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىخاي پودولياك، ئەردوغاننىڭ تەكلىپىنىڭ «ياخشى پىلانلانغان ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە» بىر تەكلىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

1765485
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىخاي پودولياك، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىشىنىڭ «ياخشى پىلانلانغان ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە» بىر تەكلىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىخاي پودولياك RBK ئۇكرائىنا قانىلىغا بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رايون ۋەزىيىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنالىقلار بىلەن رۇسلارنىڭ مۇددىئاسىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان پودولياك، تەكلىپكە «شۈبھىسىزكى ياخشى پىلانلانغان، يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە» بىر تەكلىپ دەپ باھا بەردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى —كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىشىنىڭ ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى  باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش دائىرىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «(ئەردوغان) خالىغان تەقدىردە، ھەر ئىككىسىنى تۈركىيەگە كېلىپ، ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنۋىاتقان مەسىلىلەر ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش يىغىنى ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى. تۈركىيە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەر قانداق رولنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار. بىز بۇنى ھەم رۇسىيە ھەم ئۇكرائىنانىڭ دوستى، شۇنداقلا بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە قىلىمىز» دېگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر