ئانتونى بلىنكېن ۋلادىمىر پۇتىننى «تىنچلىقنى ئاساس قىلغان بىر يول» تاللاشقا چاقىردى

ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، «تىنچلىقنى ئاساس قىلغان بىر يول» نى تاللاشقا چاقىردى.

1765188
ئانتونى بلىنكېن ۋلادىمىر پۇتىننى «تىنچلىقنى ئاساس قىلغان بىر يول» تاللاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانى قوللاش ئۈچۈن ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلغان ئانتونى بلىنكېننىڭ، رۇسىيەلىك مەنسەپېىشى لاۋروۋ بىلەن جەنۋەدە كۆرۈشۈشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى پۇتىننى «تىنچلىقنى ئاساس قىلغان بىر يول» نى تاللاشقا چاقىرىشى، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بلىنكېن ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئەلچىخانىسىدا سۆز قىلىپ: «بۇ (كىرىزىس) نى دىپلوماتىك ۋە تىنچ يولدا تۇتۇپ قالالىشىمىزنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما ئاخىرىدا بۇ پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ قارارىغا باغلىق» دېدى.

بلىنكېن كىيېۋ زىيارىتى جەريانىدا، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، بۇ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز، بۇمۇ پىرېزىدېنت پۇتىنغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇكرائىناغا قارشى تېخىمۇ بەك تاجاۋۇزچى ھەرىكەتتە بولۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر