ئامېرىكا: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھەر ۋاقىت ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بولغان بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى، «رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھەر ۋاقىت ھۇجۇم قىلالايدىغان بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

1764875
ئامېرىكا: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھەر ۋاقىت ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بولغان بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېن پساكى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنا – ئۇكرائىنا سوغۇقچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى.

باناتچى پساكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئۇكرائىنا بىلەن گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پساكى ئانتونى بلىنكېن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ تېلېفونلىشىپ، جەنۋەدە ئۇچرىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى، بلىنكېننىڭ رۇسىيەنى جىددىيچىلىكنى ئازايتىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا – رۇسىيە جىددىيچىلىكىنىڭ جاۋابكارىنىڭ «چېگراغا ئونمىڭلىغان ئەسكەر توپلىغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پساكى، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شۇنى ئېيتىمەنكى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك. رۇسىيە ھەر ۋاقىت ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلالايدىغان باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز. بلىنكېن جەنۋەدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ دىپلوماتىك يولى بارلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇكرائىنانى بېسىۋېلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەرنىڭ ئازابىنى تارتىش ياكى تارتماسلىق پۇتىن ۋە رۇسلارغا باغلىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان ئەھۋال ئاستىدا يولغا قويۇلىدىغان بارلىق تاللاشلارنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پساكى، ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ياۋروپادىكى شېرىكلەر بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر