ئادەندىكى يېقىلغۇ كرىزىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىندى

يەمەن دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋاقىتلىق پايتەخت ئادەندە بىر ھەپتىدىن بېرى تۇرمۇشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان يېقىلغۇ كرىزىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1764177
ئادەندىكى يېقىلغۇ كرىزىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئادەن ۋە قوشنا ئۆلكىلەردىكى نېفىت كرىزىسنىڭ شىركەتنىڭ ئەلبۇرەيكا شەھىرىدىكى ئامبارلىرىدىن ماي باكلىرى تولدۇرۇلۇپ، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى تەمىنلىشى بىلەن تۈگىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا يېڭى باھا بىلەن زور مىقداردا يېقىلغۇنىڭ پومپىغا ئېلىنغانلىقى ۋە يەرلىك پۇلنىڭ قىممىتىدىكى تۆۋەنلەش مەسىلىسى تۈزەلگەنەە قەدەر يېڭى باھانىڭ  ۋاقىتلىق ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئادەن، لاخىك ۋە ئەبيەنى ئەددالى قاتارلىق قوشنا ئۆلكىلەردە ماي قاچىلاش پونكىتلىرى نېفىت شىركەتلىرىدىن نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئالالمىغاچقا تاقالغاندىن كېيىن، بىر ھەپتىدن بېرى  يېقىلغۇ كرىزىسى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر