مېكسىكادا يەنە بىر ژۇرنالىست ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

مېكسىكانىڭ غەربىي شىمالىدىكى باجا كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يەنە بىر ژۇرنالىست ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

1764264
مېكسىكادا يەنە بىر ژۇرنالىست ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مېكسىكادا فوتوگراف مۇخبىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان مارگارىتو مارتىنېز تىجۇئانا شەھىرىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ماشىنىسىدا  ئولتۇرغان پەيتتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

دوكلاتتىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ساقچىلار مارتىنېزنىڭ بېشىغا ئوق تېگىپ قازا قىلغانلىقىنى بايقىغان.

خەلقئارالىق ئاخبارات تەشكىلاتلىرىدا ئىشلەيدىغان 49 ياشلىق مارتىنېزنىڭ 10 يىلدىن بۇيان ساقچى مەنبەلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك جىنايى قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتلارنى تەييارلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەگە دائىر تەكشۈرۈش باشلاندى.

مېكسىكادا 2000-يىلدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 130 دىن ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر