ب د ت: ئېفىيوپىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش قىيىنغا توختاۋاتىدۇ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېفىيوپىيەدە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تىگرايغا يەتكۈزۈلۈشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئابلا شەھىرى ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن تىگرايغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى، 14-دېكابىردىن باشلاپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ، يېقىنقى 5 ئاي ئىچىدە يېقىلغۇ يەتكۈزۈپ بېرىلەلمەيۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلالىرىنىڭ يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھەتتا يېمەك – ئىچمەك ياردەملىرىنىمۇ يەتكۈزۈپ بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ھەق، تىگرايغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
دۆلەتنىڭ شىمالىدا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشى جىددىي ياردەمگە موھتاج ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.