جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىگە «نامەلۇم» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1762578
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتاب باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

بىر ھەپتىدىن بىرئاز كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا  سىنىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، شىمالىي كورېيەنىڭ قورال-ياراغ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىگەن  6  شىمالىي كورېيە ۋە 1 رۇسىيە شىركىتىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

شىمالىي كورېيە  خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA)، 12 – يانۋار كۈنى، دۆلەتتە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنمۇ كۆزەتكەن سىناقتا، 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز - ئوكيانلاردا نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بېرەلەيدىغان ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنغانىدى.

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە، 11 – يانۋار كۈنى، شىمالىي كورېيەنىڭ «باللىستىك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى» نى، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاۋازدىن 10 ھەسسە تېز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

شىمالىي كورېيە، 5 – يانۋار كۈنى، «ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقى» نى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر