ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن كۆرۈشتى.

1760036
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن كۆرۈشتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، مىنىستىر ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسئۇللاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن پايتەخت تېھرانغا يېتىپ كەلگەن تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى مۇتتەقى بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنستىرى ئابدۇللاھىيان ئافغانىستاندا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توىتىلىپ، ئافغانىستان خەلقىگە قىلىنىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى توڭلاتقان ئافغانىستان مال-مۈلۈكلىرىنىڭ، ئىنسانىي خىراجەتلەر ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئەركىن سەرپ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 1998-يىلى ئىراننىڭ مەزارى شەرىف كونسۇلخانىسىدا توققۇز دىپلوماتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، تالىباننىڭ دىپلوماتىك ئورۇنلارنى تەسىس قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئافغانىستان ھەيئىتىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

كۆرۈشۈشتە يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۇ مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا يىغىن ئېچىشى قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر