بلىنكېن لاپىد بىلەن ئۇكرائىنا ۋە ئىران توغرىسىدا سۆزلەشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بلىنكېن ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد بىلەن «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تۇتۇۋاتقان ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسى» ۋە ئىرانغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.
1758070
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتوني بلىنكېن بىلەن يائىر لاپىدنىڭ تېلېفونلىشىپ، رايون ۋە خەلقئارادىكى ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.