سابىق سېرب قوماندان قولغا ئېلىندى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا سابىق سېرب قوماندان مىلېنكو زىۋانوۋىج بوسنىيە ئۇرۇشى (1992-1995) دا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى.

1757412
سابىق سېرب قوماندان قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تەپتىش مەھكىمىسى سابىق سېرب قوماندان مىلېنكو زىۋانوۋىجنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بوسنىيە ئۇرۇشى جەريانىدا سرېبرېنىتسا ۋە زەپە شەھەرلىرىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ، كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلارچە ئەر كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

1995-يىلى مارتتىن ئىيۇل ئايلىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا سرېبرېنىتسادىكى بىخەتەر رايونلارنى قامال قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىدىغان سابىق سېرب قومانداننىڭ قالايمىقان ئادەم تۇتۇش، قىيىن-قىستاق قىلىش، جىسمانىي ۋە روھىي زوراۋانلىق قىلىش، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، مىڭلارچە ئوغۇل بالا ۋە قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ، مىلېنكو زىۋانوۋىج كونتروللۇقىدىكى ھەربىي ۋە ساقچى قىسىم تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

سرېبرېنىتسا شەھىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە مۇسۇلمانلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم جىنايىتى توغرىسىدىمۇ ئەيىبلىنىدىغان مىلېنكو زىۋانوۋىج، بىخەتەر رايونلارنى قوغداشقا مەسئۇل ب د ت قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاش بىلەنمۇ جازالىنىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تەپتىش مەھكىمىسى مىلېنكو زىۋانوۋىج جازالاش ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلغان بەزى ھۆججەت ۋە دەلىل-ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سرېبرېنىتسادا نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟

سرېبرېنىتسا 1995-يىلى 11-ئىيۇل راتكو ملادىج قوماندانلىقىدىكى سېرب قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ب د ت تارمىقىدىكى گوللاندىيە قىسىملىرىدىن پاناھلىق تىلىگەن بوشناقلار، كېيىنچە سېربلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

سېربلار ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى بوشناق ئەسكەرلەر كونترول قىلىۋاتقان رايونغا كېتىشىگە رۇىسەت قىلدى. سېربلار ئەڭ ئاز دېگەندە 8 مىڭ 372 بوشناق ئەرنى ئورمانلىقلار، فابرىكالار ۋە ھەر خىل ئىسكىلاتلاردا قەتل قىلدى. جەسەتلىرىنى كوللېكتىپ مازارلىقلارغا كۆمدى.

سرېبرېنىتسادا سېربلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە كوللېكتىپ مازارلىقلارغا كۆمۈلگەن قۇربانلارنىڭ جەسىتى كېيىنچە باشقا جايلارغا يۆتكەلدى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ئېچىلغان كوللېكتىپ مازارلىقلاردىن چىقىرىلغان جەسەتلەر تولۇق بولمىسىمۇ، مىڭلارچە ئائىلە تاپالىغان بىر قانچە پارچە سۆڭەكنى يەرلىككە قويماقتا.

ئارىدىن 26 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مىڭغا يېقىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇربانىنىڭ جەسىتى تېپىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر