ئېكۋادورنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خولگۇئىن تەيىنلەندى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا ماۋرىسىيو مونتالۋونىڭ ئورنىغا جۇئان كارلوس خولگۇئىن يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى.

1756689
ئېكۋادورنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خولگۇئىن تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كىتودىكى كاروندېلېت سارىيىدا خولگۇئىن قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن سۆز قىلغان پىرېزىدېنت گۇئىللېرمو لاسسو، خولگۇئىننىڭ سەزگۈر بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «خولگۇئىن ئېكۋادورنىڭ يېڭى قىياپىتى بولىدۇ، ئۇ ئۆز ساھەسىدىكى ياش، ھەرىكەتچان ۋە تەشەببۇسكار سىياسەتچى» دېدى.

لاسسو ئېكۋادورنىڭ دۇنيادىكى كوۋىد-19غا قارشى پۇقرالىرىغا ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «قەتئىي ۋە ئىزچىللىققا ئىگە ۋاكسىنا ئەملەش پىلانىمىز سايىسىدا دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خولگۇئىنمۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، مەقسەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە دىيالوگقا تايىىنىپ  ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر