تالىبان دەرياغا ئۈچ توننا ھاراق تۆكتى

ئافغانىستاندا تالىبان ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۈچ توننا ھاراقنى كابۇل دەرياسىغا تۆكۈۋەتتى.

1756310
تالىبان دەرياغا ئۈچ توننا ھاراق تۆكتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان ئىستىخبارات ئىدارىسى پايتەخت كابۇلنىڭ كارتەئى چار رايونىدا، ھاراق سېتىلىدىغان دۇكاندا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچ توننا ھاراقنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ھاراق ساتقان ئۈچ كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ھاراق ئىچىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

تالىبان ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە، ھاراقنىڭ كابۇل دەرياسىغا تۆكۈلگەن ۋىدېئو تارقىتىلدى.

تالىبان 15-ئاۋغۇست (2021) ئافغانىستاننىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ھاراق ياساش، ئىستېمال قىلىش ھەمدە سېتىش-سېتىۋېلىشلارغا بولغان بېسىملارنى كۈچەيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر