بېننېت: گانتىز - ئابباس ئۇچرىشىشى سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېننىي گانتىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1756159
بېننېت: گانتىز - ئابباس ئۇچرىشىشى سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «Hayom» گېزىتى، بېننېتنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «مەن شەخسەن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئابباس بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىمايمەن، بۇلارنى ئىلگىرىمۇ ئېيتقانىدىم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بېننېت «گانتىز ئابباس بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن مەن بىلەن سۆزلەشتى، مەن بۇ جەھەتتە ھېچقانداق توسالغۇ بار، دەپ قارىمىدىم» دېيىش ئارقىلىق ئۇچرىشىشتىن خەۋىرىنىڭ بارلىقى ۋە ماقۇللۇق بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى.

بېننېت، ئابباس- گانتىز ئۇچرىشىشىنىڭ سىياسىي  مەقسەتلىك ئەمەس، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ئۇچرىشىش 28- دېكابىر گانتىزنىڭ تېل ئاۋىۋغا يېقىن روش خەييىندىكى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تەخمىنەن ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش جەريانىدا بىخەتەرلىك ۋە پۇقراۋى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر