ئىراندا ئافغانىستانلىق بىر ئانا ئىككى پەرزەنتىنى سوغۇقتىن قوغداش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى

ئىراننىڭ بېلاسۇر يېزىسىدا، ئافغانىستانلىق بىر ئايال ئىككى بالىسى بىلەن قانۇنسىز ھالدا تۈركىيەگە ئۆتۈش جەريانىدا قاتتىق سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1755724
ئىراندا ئافغانىستانلىق بىر ئانا ئىككى پەرزەنتىنى سوغۇقتىن قوغداش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايالنىڭ ئىككى بالىسىنى مۇزلاشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كېيىملىرىنى سېلىپ بالىلىرىغا كىيگۈزگەنلىكى ئېنىقلاندى.

بېلاسۇر كەنتتىدىكىلەر تەرىپىدىن تارتىلغان رەسىملەردە ئانىنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن پايپىقىنى چىقىرىپ، 8-9 ياشلىق بالىلىرىنىڭ قوللىرىغا پەلەي ئورنىدا كىيگۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن ئانىنىڭ پۇتىنىڭ بولسا، پىلاستىك خالتىلار بىلەن ئورالغانلىقى كۆرۈلدى.

سوغۇقتىن قوللىرى ئىششىپ كەتكەن ئىككى بالىغا يېزا خەلقى ياردەم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر