رۇسىيەدىكى قاتناش ۋەقەسىدە 5 كىشى قازا قىلىپ، 21 كىشى يارىلاندى
رۇسىيەدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنىڭ تۈۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كېتىپ، 5 كىشى قازا قىلدى ۋە 21 كىشى يارىلاندى.
1755736
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىيازان رايونىدا 49 كىشىنى ئېلىپ ماڭغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 05:45 دە تۆمۈر يول كۆۋرۈكىنىڭ تۈۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كەتتى.
رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 21 كىشى يارىلانغان.
يارىدارلار ئارىسىدىكى 2 كىچىك بالىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، بۇ ھادىسە شوپۇرنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن.