گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى كارل لائۇتېرباخنىڭ ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى سەھىيە مىنىستىرى كارل لائۇتېرباخنىڭ كولىندىكى ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
![گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى كارل لائۇتېرباخنىڭ ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/80a5/f035/1e41/61bca4a700be0.jpg?time=1719215426)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا ئىشخانىنىڭ دېرىزىسى چىقىلىپ بىناغا زىيان يەتكۈزۈلدى.
سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى (SPD) دىن تەينلەنگەن سەھىيە مىنىستىرى لاۋتېرباخنىڭ سايلام رايونى بولغان كولىن مۇلخېم رايونىدىكى سايلام ئىشخانىسى، 10-دېكابىردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇمنىڭ نىشانى بولغان ئىدى. ھۇجۇمدا سايلام ئىشخانىسىنىڭ تېمى ۋە دەرىزىسىگە «قاتىل»، «ئەخمەق» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان ئىدى.
يېڭى يىل ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئەسناسىدا سەھىيە مىنىستىرى لاۋتېرباخنىڭ پايتەخت بېرلىندا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مىنىستىر لاۋتېرباخ ھۇجۇمدىن كېيىنكى باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي ھاياتنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەدبىرلەرنىڭ زۈرۈرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ساقچىلار ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/de7a/4a07/b475/666eac96c0472.jpg?time=1719215427)
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.