ئىراقتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 كىشى ئۆلدى

ئىراقنىڭ بابىل شەھىرىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئائىلىدىن 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1754996
ئىراقتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بابىل ھەربىي ھەرىكەتلىرى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەررەشايىد رايونىدىكى بىر ئۆيدە، تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى كىشى، تۇتۇلۇشى جەريانىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقارغان.

ياردەمچى قىسىملارنىڭ كېلىشى بىلەن ئۆي ۋە ئەتراپى قامال قىلىنغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئائىلىدىن 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

 باياناتتا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرەپتىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 6 ياشلىق بىر بالىمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر