ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئاقدېڭىزنى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

ئامېرىكانىڭ بىر قاتار ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى.

1754735
ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا ئاقدېڭىزنى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن USS خاررى ترۇمان ئۇرۇش پاراخوتى ۋە باشقا 5 پاراخوتنى شەرقىي شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزى قوماندانلىق رايونىغا يۆتكىلىشنىڭ ئورنىغا ياۋروپا ھەرىكەت ساھەسىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش قارارى، ياۋروپادا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا كوللېكتىپ مۇداپىئە ۋەدىمىزدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىمىز ھەققىدە كاپالەت بېرىش ئۈچۈن شەرت» دېگەن.

مەزكۇر ئۇرۇش پاراخوتلىرى قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ روھىغا ئاساسەن 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئامېرىكادىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئاقدېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 23- دېكابىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، شۇڭا بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا «دەرھال» موسكۋاغا كاپالەت بېرىشىنى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن، پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا توختالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر