ئىران خىتاينىڭ بەندەر ئابباستا كونسۇلخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلدى

ئىران خىتاينىڭ پارس قولتۇقى دېڭىز قىرغىقىدىكى ھورمۇزگان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى بەندەر ئابباستا كونسۇلخانا ئېچىشقا ئىجازەت بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1754375
ئىران خىتاينىڭ بەندەر ئابباستا كونسۇلخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىقى مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىبراھىم رەئىسى رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا خىتاينىڭ كونسۇلخانا ئېچىش تەلىپى توغرىسىدا قارار چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلار كېڭىشى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىياننىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، قارىمۇقارشىلىق ۋە باشقا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش پرىنسىپىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاينىڭ بەندەر ئابباستا كونسۇلخانا ئېچىشىغا ئىجازەت بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئابدۇللاھىياننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئىران چېگراسىدىكى كاپان شەھىرىدە كونسۇلخانا ئېچىش قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر