خىتاي ئېلون ماسك ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

خىتاي ئېلون ماسك ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالەم قاتنىشى ئىشخانىسى (UNOOSA) غا ئەرز سۇندى.

1753811
خىتاي ئېلون ماسك ئۈستىدىن ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي «Starlink» لايىھەسى دائىرىسىدە قويۇپ بەرگەن سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىستانسىسىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگرىى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى «Tesla» ۋە ئالەم تېخنىكىسى شىركىتى «SpaceX» نىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك ئۈستىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالەم قاتنىشى ئىشخانىسى (UNOOSA) غا ئەرز سۇندى.

ئەنگلىيەنىڭ «BBC» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالەم قاتنىشى ئىشخانىسى (UNOOSA) غا يوللىغان ھۆججەتتە، ئىيۇل ۋە ئۆكتەبىردە «SpaceX» تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن «Starlink» سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ ئالەم قاتنىشى پونكىتىغا سوقۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «سوقۇلۇشنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى» نى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى  بەىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالەم قاتنىشى ئىشخانىسى (UNOOSA) غا يوللىغان ئەرزنامىسىغا قارىتا، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئابونتلىرى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋېيبودا ئېلون ماسك، ستارلىنك ۋە ئامېرىكانى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

«SpaceX» ۋە «Starlink» سۈنئىي ھەمراھلىرى ئارقىلىق يەرشارى ئوربىتىسىدا 12 مىڭ سۈنئىي ھەمراھ تورى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا. بۇ لايىھەنىڭ 2027-يىلى تاماملىنىشى نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر