ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرەلەردە ئۈستەلدە بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل (Josep Borrell) رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرەلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1749827
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرەلەردە ئۈستەلدە بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل رۇسىيە ئەتراپىدا شەكىللىنىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تالاش-تارتىشلارنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇشى كېرەكلىكى ناھايىتى روشەن» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە-ئامېرىكا ۋە ناتو ئۈچبۇلۇڭىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق مۇزاكىرەلەردە، ئۈستەلدە بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

بۇ ھەقتىكى بايانات، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

ئۇ رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى يازمىسىدا، دىپلوماتىيە ئوخشاش ئويلايدىغان تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا خەۋپسىزلىك  بىناكارلىقى ھەققىدىكى ھەر قانداق تالاش-تارتىشتا، ئەلۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستەلدە بولۇشى كېرەك. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى غەربتىن كاپالەت تەلەپ قىلغان تەكلىپ لايىھەسى، ناتونىڭ ياۋروپادىكى ئەزالىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تالاش-تارتىشلارنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇشى كېرەكلىكى ناھايىتى روشەن. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن بولىدىغان ھەر قانداق ئۇچىرىشىشقا ئاساس بولالايدۇ.»

رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ناتوغا ئەۋەتكەن خەۋپسىزلىك كاپالىتى تەكلىپىدە، ناتونىڭ شەرققە بىۋاستە كېڭىيىشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رۇسىيە تەكلىپىدە يەنە، ئامېرىكانىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ۋە ناتوغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردە ھەربىي بازا قۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر