ئامېرىكا: تۈركىيە – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1748181
ئامېرىكا: تۈركىيە – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاكىللەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە دائىر باياناتلىرىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. 

بلىنكېن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىللەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغانلىقلىرىغا دائىر باياناتلىرىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىمىز ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قوللايمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 13 – دېكابىر (2021) كۈنى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە قىلغان سۆزىدە، ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرىۋانغا قارىتا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «پات يېقىندا ئەرمېنىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ئالاھىدە ۋەكىللەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيمىز، ھەر قەدەمدە ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر