شىمالىي كورېيەنىڭ 100 مىڭدىن ئادەمنى سىياسىي ئەسىر لاگېرلىرىدا تۇتۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
شىمالىي كورېيەدە سىياسىي ئەسىر لاگېرلىرىغا قامالغان 100،000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قىيىن-قىستاق، سوتسىز ئۆلۈم جازاسى ۋە ئاچارچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفىلد ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، ئىرېلاندىيە، ئېستونىيە ۋە نورۋېگىيەگە ۋاكالىتەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەدىكى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر ئەندىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
توماس گىرىنفىلد، «شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى 100،000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىيىن – قىستاققا ئېلىنىدىغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغان، سوتسىزلا ئېتىپ تاشلىنىدىغان، ئاچارچىلىق ۋە جىنسىي زۇراۋانلىققا دۇچار بولىدىغان سىياسىي ئەسىر لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.
ئاھالىنىڭ قالغان قىسمىنىڭ قورقۇتۈش تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلۇپ، ئاساسىي پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن توماس گرىنفىلد سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھاكىمىيەت دۆلەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق كىشىگە <ئېتىپ ئۆلتۈر> بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماقتا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىكى كىشىلەرگە يەتكۈزۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى ۋە ب د ت كومىسسىيەسىنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ دۆلەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن توماس گىرىنفىلد، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى بۇ مەسىلىگە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.