سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ يادرو مۇزاكىرەلىرىدىكى پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇن ئەمەس

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان ئىراننىڭ ۋىيېننادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يادرو كېلىشىمى سۆھبىتىدىكى مەيدانىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1747743
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ يادرو مۇزاكىرەلىرىدىكى پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇن ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلى فايسال بىن فەرخاننىڭ رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن 42- نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى خەۋەر قىلدى.

فايسال بىن فەرخان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋىيېننادىكى (ئىران يادرو) مۇزاكىرەلىرىنى كۆزەتمەكتە. بىزمۇ (ئىرانىڭ) يادرو پىلانى تۈپەيلى ئەڭ ئېغىر تەھدىت ئاستىدىكى دۆلەتلەر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرگە قاتنىشىشىمىزنىڭ تېخىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق» دېدى.

فايسال بىن فەرخان ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ مۇزاكىرەلىرىدە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تېھران دائىرىلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىنىپ بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە كەينىگە يېنىۋالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ شۈبھىسىزكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فايسال بىن فەرخان ۋىيېننادىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ۋە رايوندىكى كىرىزىسنى ئاخىرىلاشتۇرىدىغان، ھەقىقىي ھەمكارلىقنى بەرپا قىلىدىغان مۇساپىسىگە يەتكۈزۈش خاراكتېرلىك تېخىمۇ ئۇزۇن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.  

ئۇ ئىراندىن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قارىتا ئۆزگەرگەن بىرەر پوزىتسىيەسىنى كۆرەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر