بايدىن ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان «خەلقئارا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1747656
بايدىن ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي خامچوت ۋە باشقۇرۇش ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بايدىن ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى قوللايدۇ. دىن ئەركىنلىكى ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى بولۇپ، بۇ ھوقۇق يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ۋە ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 1 – قوشۇمچە ماددىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بارلىق دىنىي ۋە ئېتنىك مەنبەلىك كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن لايىھەسىنىڭ بالدۇرراق ماقۇللىنىشى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بىر ئەلچى تەيىنلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى تۇنجى ياغلىقلىق مۇسۇلمان ئايال ۋەكىل ئىلھان ئۆمەر ئوتتۇرىغا قويغان «خەلقئارا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانسا، كېڭەش پالاتاسىغا ئەۋەتىلىدۇ، ئەگەر ئۇ يەردىمۇ تەستىقلانسا، بايدىننىڭ ئىمزاسىغا سۇنۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر