سومالى ئارمىيەسى ماتابان يېزىسىنى قايتۇرۇۋالدى

سومالى ئارمىيەسى ماتابان يېزىسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابتىن قايتۇرۇۋالدى.

1747413
سومالى ئارمىيەسى ماتابان يېزىسىنى قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن گالمۇدۇگ ئۆلكىسىنىڭ ماتابان يېزىسى، سومالى ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قايتۇرۇۋېلىنغان.

گالمۇدۇگ ئۆلكىسىدىكى ژۇرنالىستلاردىن مۇھەممەد دېقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سومالى ئارمىيەسى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن.

رايون ئاھالىسى بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ، چوڭ شەھەرلەرگە يېقىن بولۇشى سەۋەبلىك ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەت ئىگە ماتابان يېزىسىنى تەرك ئېتىشتىن بۇرۇن ساقچىخانىنى بومبىلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، سومالى ئارمىيەسى، بايدوۋا شەھىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا يەنە 7 يېزىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابتىن قايتۇرۇۋالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر