كابۇلدىكى ھۇجۇمغا ئالاقىدار ھېچكىشى ئامېرىكادا جازاغا تارتىلمايدۇ

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمغا ئالاقىدارھېچكىمنىڭ ئامېرىكادا جازاغا تارتىلمايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1747184
كابۇلدىكى ھۇجۇمغا ئالاقىدار ھېچكىشى ئامېرىكادا جازاغا تارتىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىۋاتقان جەريانىدا كابۇلدا ئېلىپ بارغان مەزكۇر ھۇجۇمغا ئالاقىدار تالاش - تارتىشلار داۋاملاشماقتا.

29-ئاۋغۇست (2021) تا 7 بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 10 جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىخباراتنىڭ پۈتۈنلەي خاتا بولغانلىقى توغرىلىق ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئورگىنى (CENTCOM) نىڭ تەكشۈرۈشى تاماملاندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئورگىنى (CENTCOM)  نىڭ قوماندانى گېنېرال كېننىت ماككېنزى ۋە ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىم قوماندانى رىچارد كلاركنىڭ تەكشۈرۈش تەۋسىيەلىرىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىنغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جون كىرباي: «ئۇلارنىڭ تەۋسىيەلىرىدە جاۋابكارلىق مەسىلىسى يوق. مىنىستىر تەۋسىيەلەرنى تەكشۈردى. مەن ھەممىسىنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە توختىلالمايمەن، بىلگىنىڭلاردەك، بەزىلىرى مەخپىي. 29-ئاۋغۇستتىكى ھۇجۇم ھەققىدە خۇسۇسىي جازا بېرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايمەن» دېدى.

جون كىرباي بىر سوئالغا جاۋا  بېرىپ، مىنىستىر ئوستىننىڭمۇ بىرەر جازالاشنىڭ لازىملىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر