بىرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 11 كىشى ئۆلتۈرۈپ كۆيدۈرۈۋەتكەن

ب د ت بىرما ئارمىيەسىنىڭ بىر يېزىدىكى 11 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنى توغرىلىدى.

1745915
بىرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 11 كىشى ئۆلتۈرۈپ كۆيدۈرۈۋەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى (OHCHR) نىڭ باياناتچىسى رۇپېرت كولۋىللې (Rupert Colville) جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ھۆكۈمەتنى تەختتىن چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۆتكەن 10 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 2021-يىلى 7-دېكابىر ساگايىڭ رايونى سالىڭيى يېزىسىدا تىزگىنەك ئارقىلىق يىراقتىن بومبا پارتلىتىپ بىرما ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە تۇزاق قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى؛ ئارمىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە دون تاۋ يېزىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ بەش كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 11 كىشىنىڭ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي رايوندا ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرگەن يېزا خەلقى تەرىپىدىن كۆيۈپ كەتكەن ھالدا تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بىرمادىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن بىرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى گېنېرال مىن ئاڭ خلىياڭنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى رامكىسىدا ئۆز خەلقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1 مىڭ 300 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 10 مىڭ 600 دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىندى.»

دون تاۋ يېزىسىدا ئەسكەرلەر ئۆلتۈرگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ۋىدېئولىرى تارقالغاندىن كېيىن، نارازىلىقلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر