فىرانسىيەدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنادا قازا قىلغانلار سانى 3 كە يەتتى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋار شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش نەتىجىسىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنادا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى.
1745150
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن سانارى-سۇر-مېر شەھىرىدە، شۇ جاي ۋاقتى 40: 03 دە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن 3 قەۋەتلىك بىنانىڭ خارابىلىكىدىن 36 سائەتتىن كېيىن يەنە بىر جەسەت تېپىلغان، ۋەقەدە جەمئىي 3 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 ئادەم يارىلانغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، گاز ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پارتلاشتا يېنىك يارىلانغان 3 كىشى، قوشنا بىنانىڭ ئاھالىسى ئىكەن.