بىرما ھەربىي ھاكىميىتى ياپونيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ياپونىيەلىك سودا-سانائەتچىلەرنىڭ بىرمادىكى سودا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

1745168
بىرما ھەربىي ھاكىميىتى ياپونيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ياردەملىرى ئاستىدا، ياپونىيەلىك سودا-سانائەتچىلەرنىڭ بىرمادىكى سودا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق قىلغان زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتىدىكى سېلىنما ۋە چەت ئەل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاڭ نايڭئو ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ياپونىيەلىك سودا-سانائەتچىلەرنىڭ بىرماغا قايتىشىنى چاقىرىق قىلىمەن. ئىشلىرىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، مۇمكىن بولسا، سوداڭلارنىڭ ھەجىمىنى كېڭەيتىڭلار» دېدى ۋە توكيو ھۆكۈمىتىدىن رەسمىي تەرەققىيات ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ بىرمادا ھازىرغىچە بولغاندىكىدىن تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى ياراتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ بىر قانچە ئاي داۋاملاشقان قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن نورماللاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتتە سىياسىي جىددىيچىلىك كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، 1-فېۋرال (2021) ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رەھبەر ھەمدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى ۋە ئىسيانچى گۇرۇپپىلارنى قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، بۈگۈنگىچە تەخمىنەن 1000 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

بىرمادا بىر تەرەپتىن، كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۇتقۇن قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر