پارىژ ساقچىلىرى قاشىقجى قاتىللىق جىنايىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر گۇماندارىنى قولغا ئالدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىق بىر گۇماندارنىڭ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1744406
پارىژ ساقچىلىرى قاشىقجى قاتىللىق جىنايىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر گۇماندارىنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىدە، جامال قاشىقجى قاتىللىق جىنايىتى بىلەن چېتىشلىقى بار بىر گۇماندارىنىڭ پارىژ چارلېز دېگول ئايرودۇرۇمىنىڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەرلەردە، 33 ياشلىق گۇماندار خالىد ئەلئۇتەيبىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا كېتىش ئۈچۈن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئەسناسىدا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمانغا قاراتقان تەنقىدلىرى بىلەن تونۇلغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىستون يازغۇچىسى جامال قاشىقجىنىڭ 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتىنىڭ پارچىلىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر