كېنىيەدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ،  31 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

كېنىيەدە تويغا كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش جەريانىدا دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ،  31 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1743387
كېنىيەدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ،  31 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىتۇي ۋالىيسى چارىتىي نىگىلۇنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، 4 - دېكابىر (2021) دا تويغا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش ئەسناسىدا دەرياغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى دۆلەتلىك تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىندى.

چارىتىي نىگىلۇ ۋەقەدىن كېيىن 12 كىشىنىڭ بىخەتەر جايغا قاچالىغانلىقىنى ۋە 31 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چارىتىي نىگىلۇ: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك ئېچىنىشلىق بولدى، بىز نۇرغۇن ئادەمدىن ئايرىلىپ قالدۇق» دېدى.

چارىتىي نىگىلۇ رايوندا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر