گېرمانىيە پىرېزىدېنتى ئۈچ تۈرككە ئوردېن بەردى

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر ستېينمېيېر ھەر خىل ساھەلەردە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئۈچ تۈرككە «ئوردېن» بەردى.

1742922
گېرمانىيە پىرېزىدېنتى ئۈچ تۈرككە ئوردېن بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستېينمېيېر بېللېۋۇ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا پىروفېسسور دوكتور ياسىمىن قاراقاش، دەرۋىش ھىزارجى ۋە تۇرگاي تاھتاباشلارغا مېداللىرىنى تەقدىم قىلدى.

جەمئىي 15 كىشىگە كۆچمەنلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىش خىزمىتى، ئاياللار ھوقۇقى، دىنلار ئارا دىيالوگ ۋە مائارىپ پۇرسىتى يارىتىشقا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن شەرەپ مېدالى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ستېينمېيېر، بولۇپمۇ يۇقۇم مەزگىلىدىكى خىزمەتلىرىدە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ كىشىلەرنى «ئەتراپىنى يورۇتقان ماياك» قا ئوخشىتتى.

60 يىل ئىلگىرى كەلگەن مېھمان ئىشچىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ گېرمانىيەنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئۇلارسىز بىر گېرمانىيەنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ستېينمېيېر، بىراق جەمئىيەتنىڭ بەزى قاتلاملىرىنىڭ بۇ پاكىتنى يەنىلا نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر