كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1742528
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كىۋۇ رايونىنىڭ باراكا يېزىسىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى، نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

زوراۋانلار،  يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇۋېتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى بۇلاپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان جەنۇبىي كىۋۇ  ۋە شىمالىي كىۋۇ رايونلىرىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىدائىيلىرى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم  بۇيۇملىرى پات – پات قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر