ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملىدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملىدى.

1740528
ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈرگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن باشلىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملىدى.

پېنتاگوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتنىڭ بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن تىنچ ئوكياندىكى بەزى ئاراللارغا مەڭگۈلۈك كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر ئەمەلدار، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تىنچ ئوكيان رايونىغا يېڭى كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە ياۋروپاغىمۇ زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۈردى.

ئۇ يەنە، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ گېرمانىيەدىكى ئەسكەر سانىنى 25 مىڭغا قىسقارتىش قارارىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ، تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە ئاساسەن، 500 ئەسكەردىن تەركىب تاپقان ھەربىي قىسىم، مەلۇم ساندا تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە رايون مۇداپىئە خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگەئالغان ھەربىي كۈچنىڭ بۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى ياۋروپا ۋە تىنچ ئوكيانغا يۆتكىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان مەزكۇر ئەمەلدار، دوكلاتتا يەنە، ئىرانغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر كۈچ تۇرغۇزۇش ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تەۋسىيە قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

پېنتاگون ئەمەلدارى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى مۇھاكىمە قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ رايونلاردىن ئەسكەر يۆتكەشنىڭ داۋاملىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر