ئەۋن پارلامېنت تەلەپ قىلغان شارائىت ئاستىدىلا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

مىشەل ئەۋن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1740611
ئەۋن پارلامېنت تەلەپ قىلغان شارائىت ئاستىدىلا ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان پىرېزىدېنتى مىشەل ئەۋن، 2022 – يىلى 31 – ئۆكتەبىردە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما پارلامېنت قارار قىلغان تەقدىردە، ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت مىشەل ئەۋن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پارلامېنت سايلىمىنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەۋن: «مەن پارلامېنتنىڭ ئۇزارتىشىغا قارشى. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە تۇرمايمەن. ئەمما، پارلامېنت قارار قىلسا، تۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن پىرېزىدېنتلىق مەسىلىسىدە بىر بوشلۇق ھاسىل بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، مۇۋەققەت بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2016 – يىلى لىۋان پارلامېنتىنىڭ مىشەل ئەۋننى پىرېزىدېنتلىققا سايلىشى بىلەن 29 ئايلىق بوشلۇققا خاتىمە بېرىلگەنىدى.

ئەۋننىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرىكى «پىرېزىدېنتلىقنى بىر بوشلۇققا ئىتتىرمەيدىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتى، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى سۆز – چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر