ئىراندا رەسمىي تور بەتلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ئىراندا بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
1738536
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتتىكى بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرى نىشان قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا، خاككېرلار ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ئەلى ھامانىي ۋە خەلقنىڭ مۇجاھىدلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مەريەم رەجاۋىغا قارىتىپ، «ھامانېيغا ئۆلۈم - رەجاۋىغا سالام» دېگەن ئۇچۇرنى قالدۇرغان.
ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تور بېكەتلەر تېزلا تاقالغان.
مەزكۇر تور ھۇجۇمىدا، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، جامە ئىشلىرى مەركىزى، ئىسلام پەنلىرى كومپيۇتېر تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار نىشان قىلىنغان.