ئىران پارس قولتۇقىدا بىر پاراخوتنى تۇتۇپ قالدى

ئىران پارس قولتۇقىدا يېقىلغۇ ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقان 11 خادىمى بار  پاراخوتنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1736379
ئىران پارس قولتۇقىدا بىر پاراخوتنى تۇتۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى پارس قولتۇقىغا جايلاشقان ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىنىڭ پارسيان ناھىيەسىدە، 150 مىڭ لېتىر قانۇنسىز دىزېل قاچىلانغان پاراخوت تۇتۇپ قېلىنغان، ھەمدە پاراخوتتىكى 11 چەت ئەل پۇقراسى تۇتۇلۇپ، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ سوتلىشىغا يوللانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر