ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالادا ئىككى ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالادا ئىككى ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
1734567
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پارتلاشلاردىن بىرى ساقچىخانىنىڭ يېنىدا، يەنە بىرى پارلامېنت بىناسىغا يېقىن كوچىدا يۈز بەرگەن.
ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن سىنلاردا پارتلاشلاردا نۇرغۇن ئاپتوموبىلنىڭ بۇزۇلغانلىقى كۆرۈلدى.
ئۇگاندادا يېقىنقى ئايلاردا ئاممىۋى سورۇنلاردا بومبا ھۇجۇمى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.