تۈركىيە - گىرۇزىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە – گىرۇزىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى «تۈركىيە- گرۇزىيە چېگرا مۇداپىئەسى - 2021» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1733173
تۈركىيە - گىرۇزىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى چېگرا مۇداپىئەسى ساقچى ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشمە چېگرا مانېۋىرىغا گىرۇزىيەنىڭ ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مانېۋىرنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسىنى قوغداش تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۆزئارا ماس ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر