رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلىدى

رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى دمىترىي پوليانسكىي (Dmitry Polyanskiy) بېلارۇسىيە-پولشا كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويغان دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلدى.

1732982
رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئېستونىيە، فىرانسىيە، ئىرېلاندىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە نورۋېگىيەنىڭ تەلىپى بىلەن، 15 ئەزاسى بولغان كېڭەش، يېپىق يىغىندا بېلارۇسىيە-پولشا ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، بېلارۇسىيەنى ياۋروپاغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى، سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن خەتەرگە ئىتتىردى دەپ ئەيىبلىدى.

بېلارۇسىيەنى دىققەتنى ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەرنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرالىرىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بۇ تاكتىكانىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە «لۇكاشېنكو ھاكىمىيىتىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يەنە، بېلارۇسىيە مەسئۇللىرىنى «ئىنسانىيەتكە خىلاپ» بۇ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ۋە كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرىماسلىققا چاقىردى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى دمىترىي پوليانسكىي پولشا كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويغان غەرب دۆلەتلىرىنى تەنقىدلەپ، ياۋروپاغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ پولشا چېگراسىدىن ئارقىغا ئىتتىرىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كىشىنى نومۇس قىلدۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر