ئاخشاملىرى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇخلاشنىڭ يۈرەك كېسىلىگە دۇچار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى

ئاخشاملىرى سائەت 10 بىلەن 11 (22:00 – 23:00) ئارىلىقىدا يېتىپ ئۇخلاشنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

1731558
ئاخشاملىرى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇخلاشنىڭ يۈرەك كېسىلىگە دۇچار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئېكېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيقۇ ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتى دائىرىسىدە ئوتتۇرىچە يېشى 61 بولغان 88 مىڭ 26 ئادەمنى تەكشۈردى.

تەتقىقاتچىلار، تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ %58 ىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى، 43 ياش بىلەن 79 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەرنىڭ بىلەكلىرىگە تاقالغان ئۈسكۈنىگە تايىنىپ  7 كۈن بويىچە ئۇخلاشنى باشلىغاندىن تارتىپ ئويغانغىچە بولغان جەرياندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، قاتناشقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساغلاملىقى ۋە جىسمانىي ئەھۋالى توغرىسىدا راي سىناش ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى دوكلات قىلدى.

بارلىق ئۇچۇرلار توپلانغاندىن كېيىن، بۇ كىشىلەرنىڭ يۈرەك سانجىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش، ئاستا خاراكتېرلىك قان يېتىشمەلىكتىن كېلىپ چىققان يۈرەك كېسىلى، سەكتە ۋە ۋاقىتلىق قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى يېقىندىن كۆزىتىلدى.

ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ «ياۋروپا يۈرەك ژۇرنىلى (European Heart Journal)» دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 6 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن مەزكۇر كىشىلەرنىڭ 3172 نەپىرىدە (% 3.6) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بايقالغان.

يېرىم كېچىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇخلايدىغانلاردا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ %25 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن تەتقىقات، بۇ خەۋپنىڭ سائەت 10:00 بىلەن 11:00 ئارىلىقىدا ئۇخلىغانلاردا «ئەڭ تۆۋەن» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئېكېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور دېيۋىد پلانس: «تەتقىقاتىمىز، ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنىڭ بەدەننىڭ 24 سائەتلىك دەۋرىيلىكىدىكى مەلۇم بىر نۇقتىسىدا ئىكەنلىكىنى، ئېغىشلارنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىت يېرىم كېچىدىن كېيىنكى ۋاقىت. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش ئەتىگەن يورۇقلۇقىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر