تالىبان ئافغانىستاندا تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك تەيىنلەشلەرنى ئېلىپ باردى
ئافغانىستاندا تالىبان سېنتەبىردە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ۋەزىپىگە تەيىنلەشلەرنى ئېلىپ باردى.
1730891
![تالىبان ئافغانىستاندا تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك تەيىنلەشلەرنى ئېلىپ باردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/92f7/a04c/be09/615aa3d5c58ea.jpg?time=1719146868)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد دۆلەتنىڭ 17 ۋىلايىتىگە يېڭى ۋالىي، 15 ۋىلايىتىگە مۇئاۋىن ۋالىي ۋە 10 ۋىلايىتىگە ساقچى باشلىقى تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇجاھىد پايتەخت كابۇلدا كارى بېريالنىڭ ۋالىيلىققا ۋە ۋەلىجان ھەمزانىڭ ساقچى باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تالىبان ھۆكۈمىتى يەنە، ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا ئالدىنقى يىل (2020) باھاردا سابىق ھۆكۈمەت قىسىملىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئىسملىرىنى قويدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719146868)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.